مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-سانلىق يىغىنى يېپىلدى

2020.02.25 16:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-سانلىق يىغىنى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىندا قانۇنغا خىلاپ ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىشتەك ناچار ئادەتنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى قارار، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادورلۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ، جايىدا تەدبىر قوللاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يادرولۇق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ياساپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، بوران-چاپقۇنلارنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قەتئىي ئىرادە ۋە قۇدرەتلىك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملىدى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى كېڭەيمەكتە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىندا قانۇنغا خىلاپ ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىشتەك ناچار ئادەتنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى قارار چىقىرىلدى، ئالاقىدار تەرەپلەر قارارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ ياۋايى ھايۋانلار بازىرى ۋە سودىسىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئاممىۋىي سەھىيە بىخەتەرلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى، بۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قانۇننىڭ پىرىنسىپى ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئەستايىدىل ئويلىشىپ چىقارغان قارار. يىغىننى ئېچىشنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پايدىلىق، شۇنداقلا يىغىن ئېچىلغاندا يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ