خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېھقانلار ئاممىسى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 24- چېسلا ئالدىنقى باسقۇچتا ئېلان قىلغان قوبۇل قىلىش تېلېفون نومۇرلىرى ئاساسىدا قوبۇل قىلىش تېلېفون نومۇرلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى قوبۇل قىلىش تېلېفونى تۆۋەندىكىچە :
باقمچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تەرتىپى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 59191471 - 010 (قوبۇل قىلىش ئىش تۈرى دائىرىسى: قۇش بالىسى، نەسىللىك چارۋا-قۇش، سۇ مەھسۇلاتلىرى بېلىجانلىرى، يەم-خەشەك، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى. سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى توشۇش، گۆش زاۋۇتلىرى تاقاش، كەنت، يولنى توسۇش، يەم-خەشەك، نەسىللىك چارۋا-قۇش باقمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەمما، 5919768 - 010 يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ)
تېرىقچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تەرتىپى توغرىسىدىكى مەسىلىنى قوبۇل قىلىش تېلېفونى : 59191475 - 010 ( قوبۇل قىلىش ئىش تۈرى دائىرىسى: ئاشلىق-ياغ، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشىغا كېرەكلىك ئۇرۇق-كۆچەت، ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ۋە سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىق دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىشتا ئادەم ئىشلىتىش قىيىن ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسى قاتارلىقلار).
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تەرتىپى مەسىلىسىنى قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 59191478 - 010 (قوبۇل قىلىش ئىش تۈرى دائىرىسى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاسات بولۇشى ۋە سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ