ۋۇخەن شەھىرىدىكى مەھەللە سودىگەرلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنىڭ تەمىنلىنىشىگە بىر نىيەتتە كاپالەتلىك قىلدى

2020.02.25 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2- ئاينىڭ 24- كۈنى، ۋۇخەن شەھىرى جياڭئەن رايونى بەيبۇتىڭ مەھەللىسى 4- ئاھالىلەر كومىتېتى مۇلازىمەت پونكىتىدا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار تاللا بازىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ماللارنى، يەنى ئاھالىلەرنىڭ كوللېكتىپ سېتىۋالغان ماللىرىنى لوڭتىڭ ئولتۇراق رايونىغا ئاپىرىپ تارقىتىشقا تەييارلىق قىلدى. يېقىندا، ۋۇخەن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقماسلىقى تەلەپ قىلىندى. ۋۇخەندىكى نۇرغۇن مەھەللىلەر بەس-بەستە ھەرىكەتكە كېلىپ، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئاھالىلەر كوللېكتىپ سېتىۋېلىش ئۈندىدار توپىنى قۇردى، ئاھالىلەر ماددىي ئەشيا ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويدى، پىدائىيلار ئۇ ئېھتىياجلارنى جەملىگەندىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئەتراپتىكى چوڭ تاللا بازارلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تاللا بازارلىرىدىكى ماللارنى تەشكىللەپ مەھەللىلەرگىچە يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، مەھەللىلەردىكى كادىرلار ۋە پىدائىيلار زاكاز تالونى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاھالىلەرنىڭ مال ئېلىشىنى تەرتىپلىك ھالدا تەشكىللەپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ