مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش تەكلىپى بېرىلدى

2020.02.25 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 33- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 13- نۆۋەتلىك 3- قېتىملىق يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەمدە مەملىكەتلىك ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا پائال ئاتلىنىشقا تەشكىللەش ئۈچۈن، ئەسلىدە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى ئېچىلىشى قارار قىلىنغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 13- نۆۋەتلىك 3- قېتىملىق يىغىنىنى ئەمدى مۇۋاپىق تۈردە كېچىكتۈرۈپ ئېچىش تەكلىپى بېرىلدى، 3- قېتىملىق يىغىننىڭ ئېچىلىش كونكرېت ۋاقتىنى ئايرىم بېكىتىش تەكلىپى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ