مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىنى مۇۋاپىق تۈردە كېچىكتۈرۈپ ئېچىشنى قارار قىلدى

كونكرېت يىغىن ۋاقتى ئايرىم قارار قىلىنىدۇ

2020.02.25 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- قېتىملىق يىغىنى 24- چېسلا چۈشتىن كېيىن 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدىكى قارارنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى.

  قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىنىڭ زور كۆلەملىك يۇقۇمىنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى زور تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق قارار چىقىرىلدى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى مۇۋاپىق تۈردە كېچىكتۈرۈلىدۇ، يىغىن ۋاقتىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئايرىم قارار قىلىدۇ.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ 24- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- يىغىنىغا ئىزاھات بەرگەندە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى، 13- نۆەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق يىغىنىدا، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىنى 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىنغان ئىدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن بىر قاتار تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزدىن ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتەك تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ