خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سەككىزىنچى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يولغا چىقتى

2020.02.24 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 8-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  شۇ كۈنى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 8-تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تەيپىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدىن يولغا چىقتى. بۇ داۋالاش ئەترىتىدە جەمئىي 201 ئادەم بولۇپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك دوختۇرخانا، سۈيخۇا شەھىرى، چىچىخار شەھىرى، مۇدەنجياڭ شەھىرى، خاربىن شەھىرى تاللاپ ئەۋەتكەن داۋالاش خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان. ھازىرغىچە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى خۇبېيغا سەككىز تۈركۈمدە 1533 داۋالاش خادىمى ئەۋەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ