مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سودا مىنىستىرلىقى سودا كارخانىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك، كۈچلۈك تەشكىللەش لازىملىقىنى بىلدۈردى

2020.02.24 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-فېۋرال سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، سودا مىنىستىرلىقى «تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلاردىكى سودا مەسئۇل تارماقلىرىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، سودا كارخانىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك، كۈچلۈك تەشكىللەشنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقىدار رايونلارنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، توققۇز ئۆلكىنىڭ بىرلەشمە كېپىللىك، بىرلەشمە تەمىنلەش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خۇبېي ۋۇخەننى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جايلاردىكى سودا مەسئۇل تارماقلىرى كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە تەييار يېمەكلىك قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە دىققەتنى نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانىلارنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، تەمىنلىگۈچى بىلەن ئېھتىياجلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ توشۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ مال تولۇقلاش قېتىم سانى ۋە سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە مال مەنبەسى يېتىشمەسلىك، مەركەزلىك سېتىۋېلىش، پەشتاقلا قۇرۇق قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆز جايىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن رايونلارغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىپ پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سودا كارخانىلىرىنىڭ قايتا ئىش باشلىشىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىدە ئەڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، شارائىتى بار سودا كارخانىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «مەھەللە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش + مەركەزلىك يەتكۈزۈش»، «توردا زاكاز بېرىش + ئۇچراشماي يەتكۈزۈش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، خېنەن، جېجياڭ، خۇنەن، ئەنخۇي، جياڭشى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇم خەۋپ-خەتىرىنى توغرا ئىگىلەپ، رايونلارغا ئىلمىي ئايرىش، رايونلارغا ئايرىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كېرەك. خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايونلار قاتتىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈش لازىم؛ خەۋپ-خەتەر ئوتتۇرا، تۆۋەن رايونلاردا سىرتتىن كىرگۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، سودا ئوبوروت كارخانىلىرىنى قايتا تىجارەت قىلىشقا تەرتىپلىك سەپەرۋەر قىلىپ، كەسىپ تىجارەت دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. باشقا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق بولمىغان رايونلار يۇقۇم مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سودا كارخانىلىرىنى قايتا ئىش باشلاشقا ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تاقاپلا بولدى قىلىش، توختىتىپلا بولدى قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ