مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش جىنايى پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى

2020.02.24 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، ھەددىدىن ئارتۇق پايدا ئېلىش قاتارلىق بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان جىنايى پائالىيەتلەرگە داۋاملىق قاتتىق زەربە بەرگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ ھۆججەت چىقىرىپ، جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇداپىئە بۇيۇملىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرۈش قىلمىشىنى قاتتىق، تېز جازالاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، گۇاڭدۇڭ خۇيجوۋ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى لى فامىلىلىكنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 1-ئايدىن بۇيان داۋالاش بۇيۇملىرى سېتىش ۋەكىلى لى فامىلىلىك مۇداپىئە ماسكىسى سېتىۋېلىپ، خېنەن، جېجياڭ ۋە خۇبېينىڭ شىيەن، جىڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا يۇقىرى باھادا سېتىپ، قانۇنسىز ئېرىشكەن تىجارەت سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لياۋنىڭ بېنشى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇڭ فامىلىلىكنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ تۇڭ فامىلىلىك بېنشى، ئەنشەن قاتارلىق جايلاردىكى ئەمگەك مۇھاپىزىتى بازىرىدىن بىر تېلى بەش يۈەنلىك ماسكا سېتىۋېلىپ، توردا يۇقىرى باھادا سېتىپ، قانۇنسىز ئېرىشكەن تىجارەت سوممىسى 570 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەندۇڭ يەنتەي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كوۋ فامىلىلىكنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 1-ئايدىن بۇيان كوۋ فامىلىلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرىنىڭ كىملىكىدىن پايدىلىنىپ تاۋباۋ تورىدا 20دىن ئارتۇق تور دۇكىنى ئېچىپ، 15 يۈەن ئەتراپىدا بىر تۈركۈم ماسكا سېتىۋېلىپ، سىرتقا يۇقىرى باھادا سېتىپ، قانۇنسىز ئېرىشكەن تىجارەت سوممىسى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى، خۇبېي جىڭمېن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دۇ فامىلىلىكنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇيان دۇ فامىلىلىك جىڭمېندىكى مەلۇم بىر چوڭ دورىخانىدىن بىر بولىقى 9 يۈەن، 9.9 يۈەن كېلىدىغان بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان ماسكا سېتىلىپ، سىرتقا يۇقىرى باھادا سېتىپ، قانۇنسىز تىجارەت ئېرىشكەن سوممىسى 268 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  2-ئاينىڭ 9-كۈنى، لياۋنىڭ دەندۇڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى لى فامىلىلىكنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇيان لى فامىلىلىك 8.7 يۈەنلىك ماسكىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇقنى سېتىۋېلىپ، ئۈندىداردا يۇقىرى باھادا سېتىپ، قانۇنسىز ئېرىشكەن تىجارەت سوممىسى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ