فۇجۇ: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا دېھقانچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇردى

2020.02.21 18:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 20- كۈنى دېھقانلار فۇجۇ شەھىرى مىنخۇ ناھىيەسى خۇڭۋېي يېزىسى خۇڭۋېي كەنتىدىكى بىر تېرىقچىلىق بازىسىدا ئوت ئوتىماقتا. يېقىندا، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى، يەنە يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش، «كۆكتات»نىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنى بالدۇرراق ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ