خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- چېسلا ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئىشقا سېلىۋاتقان جياڭخەن چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىدا دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى يەنە يېڭى رېكورت يارىتىپ، ئۇنداقلار 123 كىشىگە يەتتى. جياڭخەن چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانا ۋۇخەن شەھىرىدىكى ھازىر بار بولغان چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىلار ئىچىدە كۈنىگە دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىقىۋاتقان ئادەم سانى يۈزدىن ئېشىۋاتقان تۇنجى دوختۇرخانا بولۇپ قالدى.
جياڭخەن چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى، شيېخې دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈن خۇي مۇنداق دېدى: بۇ چاسا بۆلۈمچىلەردە 1500 كارىۋات بار بولۇپ، ھازىر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ ئوبوروتى تېزلىتىلىۋاتىدۇ، داۋالاش، ئارقا سەپ، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا كاپالىتى قاتارلىق ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تولۇق ئېچىلىپ، داۋالاش بايلىقىنى تەڭشەش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈلۈپ، «قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش»قا كاپالەتلىك قىلىپ، «كارىۋات ئادەمنى ساقلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلمە سىرتىدا كارىۋات ساقلاۋاتقان بىمارلارنىڭ بېسىمى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېنىكلىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ