مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2020.02.21 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانچە قىيىن بولسا، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى بىلەن، باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا كۈچ چىقىرىپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بولسا، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. دۆلىتىمىز قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك. شىددەت بىلەن كەلگەن يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، جايلار ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى. مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنىدا، «يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»گە قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بۇنىڭدا، يۇقۇمنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايىي قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، قانۇننى توغرا تەتبىقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە زىيان يەتكۈزگەن قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. جايلار يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، تېببىي خادىملارنى ئۇرۇپ زەخىملەندۈرىدىغان، داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قىلمىشلارنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، بېسىمدارلىق قىلىش، قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ چاتاق چىقىرىش قاتارلىق جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ساختا ۋە ناچار دورىلار، داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى ۋە تىببىي تازىلىق ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى ياساش ۋە سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، نورمال بولغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى كۈچلۈك دەرىجىدە قوغدىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ