مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇم ئەھۋالىدا پائال ئۆزگىرىش بولدى لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن

ــ مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇھىم ئۇچۇر تارقاتتى

2020.02.21 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى خۇبېي ۋۇخەندە 2-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەركەز خۇبېيغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  يۇقۇم ئەھۋالىدا پائال ئۆزگىرىش يۈزبەردى، ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن

  مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دىڭ شياڭياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن باشچىلىقىدىكى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋۇخەنگە كېلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ قىس ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ تەقسىملەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تارقىلىش مەنبەسى، تارقىلىش يولى ۋە تارقىلىش مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ئىز قوغلاپ ۋە تەتقىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، قاراشلىق رايون، ساھە تارماق، ئورۇن، شەخس «تۆت تەرەپ»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  دىڭ شياڭياڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك، بۇ، چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار يوق بىر مەيدان ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىدىغان بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى. يۇقۇم ئالدىدا، كەڭ تېببىي خادىملار «دۆلەتتە جەڭ بولسا، چاقىرغان ھامان كېلىمىز، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دېگەن ئېتىقاد بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر.

  ھازىر، خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىدا بەزى پائال ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى باسقۇچلۇق نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ۋۇخەندە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە گۇمانىي كېسەللىك مىسالى ئازلىدى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى مۇقىم ئاشتى. ۋۇخەندىن باشقا، خۇبېينىڭ ھەرقايسى شەھەر، ئوبلاستلىرىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى، گۇمانىي كېسەللىك مىسالىمۇ داۋاملىق ئازلىدى.

  دىڭ شياڭياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇنى چوقۇم ئېنىق تونۇپ يېتىش كېرەككى، خۇبېي بىلەن ۋۇخەننىڭ يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن. داۋالاش-قۇتقۇزۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ ئاساسىي سانى كۆپ، ۋۇخەندە ھازىر قۇتقۇزۇپ داۋالاۋاتقان ئاغرىق 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، يەنە نەچچە مىڭ ئېغىر كېسەل ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەل ئاغرىقى بار بولۇپ، قۇتقۇزۇش-داۋالاش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل.

  «ئۆتكىلى بولمايدىغان قىش يوق، باھار ھامان يېتىپ كېلىدۇ». دىڭ شياڭياڭ مۇنداق دېدى: رەھىمسىز يۇقۇملۇق كېسەل ئالدىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، داۋاملىق ھەممە كۈچىنىڭ بارىچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، قەھرىمانلارچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرلىسەكلا، چوقۇم بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلالايمىز، ئىللىق باھارمۇ ئۆز قەرەلىدە يېتىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ