ئارمىيە يېقىندا داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىككى دوختۇرخانا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، خوشېنشەن دوختۇرخانىسى ئەندىزىسى بويىچە يۈرۈشتۈرۈلدى

2020.02.20 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، ۋۇخەن شەھىرى تەيكاڭ توڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ ئارمىيە داۋالاش خادىملىرى بىلەن بىمارنى قوغداپ كەلگەن خىزمەتچى خادىملار ئۇچراشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئارمىيە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىدىكى ئىككى دوختۇرخانا 19- چېسلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، خۇبېي ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى __ گۇاڭگۇ دوختۇرخانىسى بىمارلارنى داۋالاشقا باشلىدى، ۋۇخەن شەھىرى تەيكاڭ توڭجى دوختۇرخانىسى 860 كارىۋاتنى قۇراشتۇردى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئارمىيە يېقىندا ۋۇخەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىشكە 2600 كىشىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ ۋۇخەن شەھىرى تەيكاڭ توڭجى دوختۇرخانىسى، خۇبېي ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى __ گۇاڭگۇ رايونى دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. كۆپەيتىپ ئەۋەتىلگەن داۋالاش خادىملىرى ئاۋىياتسىيە ۋە تۆمۈريول ئارقىلىق، 17-چېسلا ۋۇخەنگە يېتىپ كەلدى ھەمدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. ئارمىيەنىڭ خۇبېينىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىدىغان داۋالاش خادىملىرى 4000 دىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ