بېيجىڭدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 3-ئاينىڭ بېشىدا ئوقۇش باشلامدۇ؟
بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى بۇلارنى پىتنە-ئىغۋا، دېدى
2020.02.20 16:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بەزى تور ئەھلى ئېلان قىلغان بېيجىڭدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 3-ئاينىڭ بېشىدا ئوقۇش باشلايدۇ، دېگەن ئۇچۇرغا قارىتا بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ بىر ساختا ئۇچۇر، دېگەن. شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، ئوقۇش باشلاش ۋاقتى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ نوپۇزلۇق يوللىرىدىن ئۇچۇرغا ئېرىشىپ، ئىغۋا تارقاتماسلىقىنى، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكىنى سورايمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ