خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى (سىناق 6-نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلىپ، 5-نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى ئاساسىدا تارقىلىش يولى، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى، داۋالاش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دىياگنوز ئۆلچىمىدە خۇبېي ئۆلكىسى بىلەن باشقا ئۆلكىلەرنى پەرقلەندۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىرتۇتاش «گۇمانىي كېسەللىك مىسالى» ۋە «ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى» دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىدى.
دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى بەش قېتىم تەڭشەپ يېڭىلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بىر تەرەپتىن خۇلاسىلىنىپ، بىر تەرەپتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك داۋالاش تەجرىبىلىرى يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە كىرگۈزۈلۈپ، كېسەلنى قېلىپلاشتۇرۇپ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.
كونكرېت جەھەتتىن قارىغاندا، 6-نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىدە «نەپەسلىنىش يولى چاچراندىلىرى ۋە ئۇچرىشىشتىن تارقىلىش ئاساسلىق تارقىلىش يولى» دېگەن «نەپەسلىنىش يولى چاچراندىلىرى ۋە قويۇق ئۇچرىشىشتىن تارقىلىش ئاساسلىق تارقىلىش يولى» دېگەنگە ئۆزگەرتىلدى. «ئۇچرىشىش» دېگەننىڭ ئالدىغا «قويۇق» دېگەن سۆز قوشۇلدى. «نىسبەتەن يېپىق مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئائېروزولدا تۇرغان ئەھۋالدا ئائېروزول ئارقىلىق تارقىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت» دېگەن قوشۇلدى.
كىلىنىكىلىق ئىپادىسىدە، ئېغىر ئاغرىقلار ئېغىر بولغاندا «تېزدىن تەرەققىي قىلىپ جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش سىندرومى، يىرىڭدىن زەھەرلىنىپ شوك بولۇپ قېلىش، تۈزىتىش تەس بولغان مېتابولىزم خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ۋە قان چىقىش-ئۇيۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش»تىن باشقا يەنە «كۆپلىگەن ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى زەئىپلىشىش» ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
6-نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، ئېغىر ۋە خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش قاتارلىقلارغا يەنىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. «نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بېكىتىلمىدى» دېگەن چىقىرىۋېتىلدى. سىناق ئىشلىتىدىغان دورىغا «خىلوروخىن فوسفات (چوڭلار 500 مىللىگىرام، كۈنىگە ئىككى قېتىم) ۋە ئاربىدول (چوڭلار 200 مىللىگىرام، كۈنىگە ئۈچ قېتىم)» دېگەن ئىككى خىل دورا قوشۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى