مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغانلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن قوشۇلغان كېسەللەر سانى ئۇدا 15 كۈن تۆۋەنلىدى

2020.02.20 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 19-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: 2- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 0دىن سائەت 24كىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، خۇبېيدىن باشقا ۋىلايەتلەردىكى جايلاردا يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغانلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن قوشۇلغان كېسەللەر 56 نەپەر بولغان، گۇمانىي كېسەللەر تىزىملىكىدە 589 نەپەر كىشى كۆپەيگەن، 4 ئادەم ئۆلگەن، ئېغىر كېسەللەر تىزىملىكىدىكى كىشىلەرنىڭ سانىدا 40كىشىلىك ئازىيىش بولغان. يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغانلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن قوشۇلغان كېسەللەرنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا 15 كۈن تۆۋەنلىگەن، ئۆلگەن كېسەللەر سانىغا يېڭىدىن كۆپەيگەنلەرنىڭ سانى ئىزچىل تۈردە تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىنغان.

  2- ئاينىڭ 18- كۈنى، خۇبېيدا، ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا رايونلاردا، دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققان كىشىلەرنىڭ سانى يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغانلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللەر سانىدىن ئۇدا تۆت كۈن جىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن ھازىرغىچە، يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغانلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللەر سانى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان كېسەللەر سانى تەڭپۇڭلاشتى. بۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە مەملىكەت بويىچە ساھەلەر بويىچە داۋالاش-ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى كونترول قىلىنىپ، ساقىيىش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  يۇقۇم ۋەزىيىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىمۇ پائال ئىلگىرلەشلەر بولدى. دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ھەرىكەت ئىدارىسىنىڭ 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى خادىمى تاڭ شىمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، رايونلاردىن قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ ۋە شاڭخەي قاتارلىق ئىقتىسادىي كۆلۈمى زور ئۆلكە (شەھەر)لەردىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قايتا ئىش باشلاش نىسبىتى %50تىن ئاشقان؛ كارخانىلاردىن قارىغاندا، چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتى تېز بولغان، يۇقىرى ئېقىندىكى كەسىپلەر ۋە كاپىتال تېخنىكىسى كۆپ تەلەپ قىلىنىدىغان كارخانىلار، تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەر ۋە ئەمگەك تىپىدىكى كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولدى؛ ساھەلەردىن قارىغاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ماددىي ئەشيالارنى قايتا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولدى، مەسىلەن، ماسكىلارنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئىزچىل رەۋىشتە %100تىن ئېشىپ، 2- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %110كە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ