مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چۇڭچىڭدا يۇقۇمغا چېتىشلىق تۇنجى تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

جاۋابكار بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2020.02.19 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، چۇڭچىڭ شەھىرى فۇلىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يىراق مۇساپىلىك كۆرۈنمە چاستوتىلىق سوت قىلىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ يالغاندىن ماسكا سېتىش ئالدامچىلىق دېلوسىغا ئاشكارا قاراپ چىقتى، سوتتا ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكار لياۋ فامىلىلىككە بىر يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەمدە 20 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويدى.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، جاۋابكار لياۋ فامىلىلىك مەلۇم ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ماسكا سېتىش ساختا ئېلان ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، مال پۇلى، زاكالەت پۇلى ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، چۇڭچىڭ شەھىرى فۇلىڭ تەۋەلىكىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چېن فامىلىلىك، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەنتۇ تەۋەلىكىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۇ فامىلىلىك قاتارلىق يەتتە نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەمئىي 20 مىڭ يۈەن مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئۇ زاڭ پۇلنى يانفون قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەن ۋە ئالىپاي ھېسباتىغا ئامانەت قويغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 2-ئاينىڭ 4- كۈنى لياۋ فامىلىلىكنى تۇتۇپ كېلىپ، 16 مىڭ 436 يۈەن زاڭ پۇلنى قايتۇرۇۋالغان. لياۋ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، سوت قىلىش جەريانىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىگە توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار لياۋ فامىلىلىك قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، تېلېگراف تورىدىن پايدىلىنىپ ماسكا سېتىش نامىدا، كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ھەمدە سوممىسى كۆپرەك بولغان، ئۇنىڭ قىلمىشى ئالدامچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. لياۋ فامىلىلىك تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جىنايەت پاكىتىنى ئىقرار قىلغان، يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ؛ ئۇنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە سادىر قىلغان دېلوسىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ، شۇڭا قانۇن بويىچە يۇقىرىقى ھۆكۈم چىقىرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ