مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى «پىكىر» تارقاتتى

ئىلمىي ھالدا ئالدىنى ئېلىپ، دەل تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى رايون ۋە دەرىجە بويىچە ياخشى ئىشلەش كېرەك

2020.02.19 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى «ئىلمىي ھالدا ئالدىنى ئېلىپ، دەل تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى رايون ۋە دەرىجە بويىچە ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەر قايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش، ھەمدە جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، يۇقۇم ۋەزىيىتىدە پائال ئۆزگىرىش بولدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ "مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، رايون بويىچە تەدبىر قوللىنىش" ھەققىدىكى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»، «پەۋقۇلئاددە ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، رايون ۋە دەرىجە بويىچە دەل ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلىشى كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە ناھىيە-رايونلار پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى كېرەك. ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)نى بىرلىك قىلىپ، نوپۇس، كېسەللىك پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنى ئىلمىي ئايرىپ، دەرىجە ۋە تۈرلەر بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. باشقۇرۇش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بۆلىكىنى كىچىكلىتىپ، تەۋەلىكىدىكى شەھەر-يېزا مەھەللىلىرى، ئورگان، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر چوقۇم تەلەپ بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھازىر خەۋپ-خەتەر ۋەزىيىتى تۆۋەن بولىۋاتقان رايونلار چوقۇم «تاشقى جەھەتتە يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. خەۋپ-خەتەر ۋەزىيىتى ئوتتۇرا ھال بولىۋاتقان رايونلار «تاشقى جەھەتتە يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولىۋاتقان رايونلار «ئىچكى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاشقى جەھەتتە يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش» تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا قاراپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى داۋاملىق تۈردە ئەڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، پايتەختنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ