مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار 10 مىڭدىن ئاشتى (گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن)

خۇبېيدىن باشقا جايلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەر ئۇدا 13 كۈن كېمەيدى

2020.02.18 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 57 مىڭ 934ى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېغىر كېسەللەر 10 مىڭ 644، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللەر 10 مىڭ 844 بولۇپ، ئۆلگەن كېسەللەردىن 1770ى، دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەر 70 مىڭ 548، ھازىر بار بولغان گۇمانىي كېسەللەردىن 7264ى بار. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، داۋالاش-قۇتقۇزۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ساقىيىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  خۇبېيدىن باشقا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەردىن 115ى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆلگەن كېسەللەردىن بەشى بولۇپ، ئېغىر كېسەللەردىن 29ى ئازلىدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەر ئومۇمىي سانى ئۇدا 13 كۈن كېمەيدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆلگەن كېسەللەر ئىزچىل بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىدى.

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى، داۋالاشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى گو جياڭخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر 29 ئۆلكە ۋە ئارمىيە 30 مىڭدىن ئارتۇق داۋالاش خادىمىنى خۇبېي، ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە سىستېمىلىق ئەۋەتتى. ۋۇخەندە ئېغىر كېسەللەر ئىنتايىن كۆپ، 11 مىڭ ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش كەسپىي خادىمى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا مەسئۇل بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش خادىملىرىنىڭ %10ىگە يېقىنلىشىدۇ. جۇڭ نەنشەن، لى لەنجۈەن، ۋاڭ چېندىن ئىبارەت ئۈچ ئاكادېمىك كوللېكتىپى يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىن 22نى ۋە P3 كۆچمە تەجرىبىخانىسىدىن ئۈچنى جىددىي يۆتكەپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ