خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 4- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ۋە تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگىمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپى بويىچە، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ