ۋۇخەن لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى داۋاملىق يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالىدى

2020.02.14 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى ۋۇخەن لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالاندى (يانفوندا تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، 3-تۈركۈمدىكى 35 نەپەر يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ۋۇخەندىكى لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، 13- چېسلا كەچتە بۇ دوختۇرخانا يەنە 50 دىن ئارتۇق بىمارنى داۋالايدىكەن. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى ۋۇخەن شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن رەسمىي ئۆتتى ھەمدە تەدرىجىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشكە باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ