ھاۋا ئارمىيەسى ئۈچ خىل تىپلىق 11 تىرانسپورت ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، بىر قانچە جايلاردىكى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى ماس قەدەمدە ۋۇخەنگە ھاۋادىن توشۇدى

2020.02.14 17:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە ھاۋا ئارمىيەسى تىرانسپورت- 20، ئېل- 76، تىرانسپورت- 9 تىپلىق جەمئىي ئۈچ خىل تىپلىق 11 تىرانسپورت ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ئۈرۈمچى، شېنياڭ، شىنىڭ، تيەنجىن، جاڭجياكۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق يەتتە جايدىكى ئايرودۇرۇمدىن ئۇچۇپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ماددىي ئەشيالىرىنى ۋۇخەنگە يەتكۈزۈپ بەردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 11 تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ ھەممىسى ۋۇخەن تيەنخې ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. بۇ، ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان تىرانسپورت- 20 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇرۇشتىن باشقا ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشى، شۇنداقلا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق ھالدا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ جىددىي، چوڭ ھاۋا تىرانسپورتى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ