مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلدى

يىڭ يۇڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى

2020.02.14 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشىدى. يولداش يىڭ يۇڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، شۇجىسى بولدى، يولداش جياڭ چاۋلياڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  2-ئاينىڭ 13-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىدە رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ۋۇ يۈلياڭ يىغىندا مەركەزنىڭ قارارىنى ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى تەڭشەشنى مەركەزنىڭ ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە خۇبېي ئۆلكىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  يولداش يىڭ يۇڭ 1957-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ شيەنجۈدىن. ئىلگىرى جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان، 2006-يىلى 1-ئايدا جېجياڭ ئۆلكىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 2008-يىلى 1-ئايدىن كېيىن شاڭخەي شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان، 2017-يىلى 1- ئايدا شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋۇخەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىرلا ۋاقىتتا تەڭشەلگەن، يولداش ۋاڭ جۇڭلىن خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ۋە ۋۇخەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، يولداش ما گوچياڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ئەزاسى ۋە ۋۇخەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ