مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 16 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ساختا، ناچار ماسكىنى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالدى

2020.02.14 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ يېمەكلىك-دورا رازۋېدكا تارماقلىرى ساختا، ناچار دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، تېببىي، سەھىيە ماتېرىياللىرىنى ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرگەن. ھازىرغا قەدەر، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى يۇقۇم ئەھۋالىغا چېتىشلىق ساختا-ناچار مەھسۇلات، ساختا-ناچار دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، تېببىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان سەھىيە ماتېرىياللىرىنى ياساش، سېتىش دېلوسىدىن 356نى پاش قىلغان، 838 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن، 355 ئادەمنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان، جىنايەت ئۇۋىسىدىن 389نى بىتچىت قىلغان، 16 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ساختا-ناچار ماسكىنى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالغان.

  ھازىرغىچە، خۇبېي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ساختا، ناچار مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن توققۇزنى پاش قىلىپ، 12 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى؛ ساختا مال ياساش، سېتىش ئۇۋىسىدىن سەككىزنى بىتچىت قىلدى؛ ساختا، ناچار ماسكىدىن 300 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇقى، ناچار مۇداپىئە كىيىمىدىن 300 مىڭدىن ئارتۇقىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 6 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  يېقىندا گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مۇھىت-يېمەكلىك-دورا رازۋېدكا تارماق ئەترىتى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ساختا، ناچار ئىسپىرت ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا چېتىشلىق بىر دېلونى پاش قىلىپ، 12 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى. ساقچى تەرەپ نەق مەيداندا دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ساختا، ناچار ئىسپىرتتىن 6000 قۇتىغا يېقىن تەييار مەھسۇلات، قۇتىغا قاچىلانمىغان جەمئىي 4 توننا ئەتراپىدا خام ئەشيا-ماتېرىيال، قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇق بوتۇلكىدىن تەخمىنەن 15 مىڭنى قولغا چۈشۈردى ھەمدە گۇاڭجۇ ساقچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، بۇ دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ساختا، ناچار ئىسپىرت ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش لىنىيەسى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ