مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە داۋالاش بايلىقىنى يۆتكەپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنىنى بىلدۈردى

2020.02.14 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ تەقسىملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدى بىلەن كاپالەتلەندۈرگەن.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ شۆجۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئورنىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى بىرتۇتاش يۆتكەپ ئاجرىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، خۇبېينىڭ، بولۇپمۇ ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋۇخەنگە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمىدىن 726 مىڭ 700يۈرۈشنى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئايرىش نىقابى ۋە ئايرىش كۆز ئەينىكىدىن 358 مىڭ 400نى، مەنپىي بېسىملىق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن 156نى، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىدىن 2286نى، ئېلېكتروكاردىئوگرافتىن 6929نى، تولۇق ئاپتوماتىك تېرمومېتىردىن 761نى يۆتكەپ بەرگەن.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كەسىپلەر تەرەققىياتى مەھكىمىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى شيا نۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېزدىن تەشكىللەش، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتىشىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتتى. 2-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %94كە يەتتى؛ بولۇپمۇ بىرىنچى سەپتىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %128كە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ