خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇھىم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە داۋالاش بايلىقىنى تەڭشەشنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى تاماكا چەككۈچى بولۇپ، ئۇنىڭ تاماكا ئىسىنىڭ ۋىرۇس تارقىتىش-تارقاتماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇھىت ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ ليۇبو مۇنداق جاۋاب بەردى: تاماكا ئىسى بىز دېگەن چاچراندىدىن تارقىلىش ئۇسۇلى ئەمەس، لېكىن بىرلىكتە تاماكا چېكىشنىڭ خەۋپ-خەتىرى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ.
باشقىلار چەككەن تاماكىنىڭ ئىسى ئىچىڭىزگە كىرىپ كەتكەن بولسا، ئارىلىقىڭلارنىڭ ئىنتايىن يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بىز بۇ خىل خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. تاماكا چەككەندە يەنىلا بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاش، ئارىلىشىپ بىرگە تاماكا چەكمەسلىك كېرەك، بۇنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئىنتايىن چوڭ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ