ۋۇخەندە چاسا بۆلمە دوختۇرخانىلىرىدىن يەنە يەتتىسى پۈتۈپ ئىشقا سېلىندى، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى 40 دىن ئاشتى

2020.02.13 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12- چېسلا ۋۇخەن شەھەرلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، نۆۋەتتە، ۋۇخەندە كاتەكچە چاسا بۆلمە دوختۇرخانىلىرىدىن يەنە يەتتىسى پۈتۈپ ئىشقا سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش ئاپپاراتلىرى 40 تىن ئاشقان، ھەمدە بىمارلارنىڭ داۋالاش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا يۇقۇملانغان ئېغىر بىمارلىرىنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن، ۋۇخەن شەھىرىدە بارلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى 40 تىن ئاشقان، بۇلارغا خوشېنشەن ۋە لېيشېنشەن دوختۇرخانىلىرىنى قوشقاندا، ھازىر بالنىس كارىۋاتلىرى 12 مىڭغا يەتكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

  ۋۇخەن شەھىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇمۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن شەھەر بويىچە بارلىق كېسەل كارىۋاتلىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى شەھەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ، نۆۋەتتە، ھەر قايسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان ئېغىر كېسەللەر، خەتەرلىك كېسەللەر ۋە گۇمانىي كېسەللەر ئىچىدىكى ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك داۋالاشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ