مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش سۈرئىتى تېزلىتىلدى

ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش ۋە ئۇلارنى خالىغانچە ئىستېمال قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق ۋە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

2020.02.13 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش تارماقلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلاردىن ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋېلىشى بىلەن كىشىلەر ئارا ۋىرۇس تارقىلىشتىن پەيدا بولغانلىق ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

  2- ئاينىڭ 3- كۈنى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قاتارلىق 10 مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت (ئىدارە) بىرلىكتە ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياۋايى ھايۋانلار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا زەربە بېرىش بويىچە مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقچى بولدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ، سۈنئىي كۆپەيتىش سورۇنلىرىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى يۆتكەپ سېتىش ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىندى، ھەمدە ھەرقانداق شەكىلدە ياۋايى ھايۋانلار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى ئىقتىسادىي قانۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ رۈيخې يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويدى، ھەمدە «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى دائىمىي كومىتېتنىڭ بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانىغا كىرگۈزمەكچى بولدى، ھەمدە «ھايۋاناتتىن يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكچى بولدى.

  باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يەيدىغان ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك.

  «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» ئاساسىدا، ئۇنىڭغا يەنە «قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشنى يولغا قويۇش نىزامى» قاتارلىق يانداش قانۇن-تۈزۈملەرنى قوشۇش ئارقىلىق، ئېلىمىزدە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ساھەسىدىكى قانۇن-نىزاملار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈلدى. بۇ قانۇن-نىزاملار سىستېمىسى ئېلىمىزنىڭ قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلار ۋە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى مەخسۇس قوغداشقا تەدبىقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەر تۈزۈلۈپ، ياۋايى ھايۋانلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىپ پايدىلىنىش قىلمىشلىرى كونترول قىلىنماقچى بولدى.

  نۆۋەتتە، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنىڭ تۈرلۈل تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ: يۇقۇم مەزگىلىدە ھەر قانداق شەكىلدە ياۋايى ھايۋانلار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ، ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش سورۇنلىرىنى قاتتىق قامال قىلىپ ئايرىۋېتىش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى تەۋەلىكىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورمان، ئوت-چۆپ تارماقلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىدۇ.

  جۇڭگو ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتى مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يەيدىغان ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئېغىز-بوغۇزنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ئۆزىنى چەتتە تۇتۇپ، ئۇلار بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك؛ ياۋايى ھايۋانلارنى ئېلىش-سېتىشنىڭ قانۇنسىز سودا بازارلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بايقالسا، دەرھال شۇ جايدىكى مەسئۇل تارماق ياكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارغا پاش قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ