ۋۇخەندە چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدىن يەتتىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى 40تىن ئاشتى، كارىۋات سانى 12 مىڭغا يەتتى

2020.02.13 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ۋۇخەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا ۋۇخەندە ۋۇخەن مېھمانخانا چاسا بۆلمىسى، جياڭخەن رايونى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى چاسا بۆلمىسى، ۋۇچاڭ چاسا بۆلمىسى، جياڭئەن تازىخۇ چاسا بۆلمىسى، خۇاڭبېي چاسا بۆلمىسى، خەنياڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى چاسا بۆلمىسى، چياۋكوۋ تەنتەربىيە سارىيى چاسا بۆلمىسى قاتارلىق يەتتە چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى باشلىغاندىن بۇيان، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7گىچە، 4313 ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان، 36 كىشى دوختۇرخانىدىن چىققان، 305 كىشى يۆتكەلگەن، ھازىر يەنە 3972 كىشى چاسا بۆلمىدە داۋالىنىۋېتىپتۇ. چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدا جەمئىي 4966 تېببىي خادىم باركەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئېغىر كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھازىر ۋۇخەن شەھىرىدىكى نۇقتىدا بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتى 40تىن ئارتۇققا يېتىپتۇ، يەنە خوشېنشەن دوختۇرخانىسى، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىدا كارىۋات سانى 12 مىڭغا يېتىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر ئاغرىق ۋە خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىكەن. ھەرقايسى نۇقتىدا بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەر ئىچىدىكى ئېغىر ئاغرىقلار، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلار ۋە گۇمانىي كېسەللەر ئىچىدىكى خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى مەركەزلىك داۋالاپ قۇتقۇزۇش بولۇۋېتىپتۇ. 2-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، ۋۇخەن شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى كېسەل كارىۋاتلىرىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېغىر ئاغرىقتىن 2676 كىشىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. 2-ئاينىڭ 12-كۈنى پۈتۈن شەھەرنىڭ كېسەل كارىۋىتى بايلىقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 800دىن ئارتۇق ئېغىر ئاغرىق قوبۇل قىلىپ داۋالىنىۋېتىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ