مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2020.02.12 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش ئۈچۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، مەكتەپلەردىن يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا پائال ياردەم بېرىش كېرەك. جايلار، مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار ۋە مەكتەپلەر ئىگىلىگەن يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ شۇ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى كېرەك. دىققەتنى يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايونلار، نامرات رايونلار، يېزا رايونلىرى، چەت-ياقا رايونلارغا نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشىدىغان، قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئالاھىدە تەمىنلىنىدىغان، مېيىپ قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ھەر قايسى مەكتەپلەر شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن دۆلەتنىڭ ياردەم بېرىشى ئاساسىدا، مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي كىرىمى ياكى ئوقۇش پۇلى كىرىمى بويىچە بەلگىلىك نىسبەتتە ئاجرىتىلغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندىنى ئىشلىتىپ، ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ياكى ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، جايلار، مەكتەپلەر قىشلىق تەتىلدە مەكتەپتە قالغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. جايلار، مەكتەپلەر يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم مەبلىغى قاتارلىق ياردەم مەبلەغلىرىنى ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ