مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارنى كۈندە تورغا چىقىپ «يوقلىمىغا قاتنىشىش»قا مەجبۇرلىماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2020.02.12 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، قىسمەن جايلار ئارقا-ئارقىدىن توردا «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق» خىزمىتىنى باشلاپ، كۆپچىلىك بەزى مەسىلىلەرگە بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلدى. بۇنىڭغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  قانداق قىلغاندا «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق»تىكى ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى توغرا ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟

  جاۋاب: «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق» نوقۇل توردا دەرس ئۆتۈش ياكى مەكتەپنىڭ دەرسلىكىنى ئۆگىنىش بولماستىن، بەلكى كەڭ مەنىدىكى ئۆگىنىش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتىغا پايدىلىق مەزمۇن ۋە ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەتنىڭ دەرس ئوقۇش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھاياتلىق تەربىيەسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى ۋە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش؛ يۇقۇمنى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار ئىش-ئىزلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىجتىمائىي گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك، بەزى كىلاسسىك داڭلىق ئەسەر، پارچىلارنى ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ، ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەر خىل بولۇشى كېرەك. بەزى جايلارنىڭ تور دەرسخانىسى ئېچىشى پەقەت «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق»نىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشتىكى بىر خىل ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ.

  بەزى جايلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى توردا دەرسلەرنى سىنغا ئېلىپ ئاڭلىتىشقا تەشكىللىشىگە قانداق قارايسىز؟

  جاۋاب: «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق»نى قانات يايدۇرۇپ، توردا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىدىن دەرسنى سىنغا ئېلىپ ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلىش ھاجەتسىز. دۆلەت، جايلار، مەكتەپلەرنىڭ ھازىر بار بولغان ئەلا سۈپەتلىك تور دەرسلىك بايلىقىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاز بىر قىسىم مۇنەۋۋەر تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى مۇۋاپىق ھالدا يېڭىدىن بەزى تور دەرسلىكلىرىنى سىنغا ئېلىشقا بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، زۆرۈر تولۇقلىما قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك. جايلار توردا ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكى ۋە پەنلەر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، توردا ئوقۇشقا ماس كېلىدىغان دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نورمال دەرسخانىدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ۋاقتى ۋە ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرسنى سىنغا ئېلىشقا زورلىسا، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولماستىن، يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ ھەم بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنى چوقۇم توسۇش كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

  جاۋاب: «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق»نى يولغا قويۇشتا، ھەرقايسى جايلار ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە توردا ئوقۇتۇش ئالاھىدىلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىش، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش بايلىقىنى مۇۋاپىق تاللىشى كېرەك. توردا ئوقۇش تەلىپىگە قارىتا، بەزى جايلارنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىقتىكىلەرنىڭ توردا ئوقۇشىغا بىرتۇتاش قاتتىق تەلەپ قويماي، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارىي بويىچە تاللىشى، باشقا ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت، مىقدار چەكلىمىسىگە كونكرېت بەلگىلىمە بېكىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا ئوقۇش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزىراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنى كۈندە توردا «يوقلىما قىلىش»، ئۆگىنىش سىنىنى يوللاش قاتارلىقلارغا زورلىماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر بولمىغان يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى مەشغۇلات ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئارام ئېلىش ئارىلىقىنى ئۇزارتىپ، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراپ، بەدەن ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەسلىلەرنىڭ توردا ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ