مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرايلى

2020.02.11 15:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئىستانسىسىمىزنىڭ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇپ تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، كېسەلدىن ئىبارەت ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇم يۈز بەرگەن جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولۇش، ئىرادىدىن سېپىل ياساشتەك قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  ئوبزوردا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە ئەۋزەل داۋالاش بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتا جايلار، تارماقلار ئومۇمىيەتنى مۇھىم ئورۇنغا ۋە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش» تەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنىڭ يامراش يۈزلىنىشىنى تېزدىن ئۆزگەرتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ