مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش:

ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشقا چىققان خىزمەتچىلەر قوغدىنىشنى قانداق ياخشى ئىشلىشى كېرەك؟

2020.02.10 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خىزمەت ۋاقتىدا، زىچ بوشلۇققا يىغىلىشنى ئازايتىش كېرەك، كونكرېت ئۇسۇلى تېلېفون ياكى تور يىغىنىنى يۈز تۇرانە يىغىننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، زۆرۈر بولمىغان كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنى كېچىكتۈرۈش، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىزمەت سورۇنىدىكى ئادەم سانىنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ دائىم خىزمەت سورۇنلىرىنى تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش، بولۇپمۇ ئىشىك تۇتقۇچى، تېلېفون، كۇنۇپكا تاختىسى، لىفىت كۇنۇپكىسى، ئاشخانا، سۇخانا ۋە ھاجەتخانا قاتارلىقلار؛ باشقىلاردىن ئەھۋال سورىغاندا، بەدەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، قول ئېلىشماسلىق؛ خىزمەتداشلار، خېرىدارلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش؛ دائىم سوپۇن ۋە سۇ ياكى ئىسپىرت تەركىبلىك سۇسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن قول يۇيۇش لازىم؛ يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە توغرا توسۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: ئەگەر ماسكا يېتىشمىسە، زۆرۈر ۋاقىتتا ئىشلىتىش كېرەك، مەسىلەن، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، مېترو ۋاگونى، لىفىت قاتارلىق ئادەم زىچ بولغان يېپىق بوشلۇقتا ئىشلىتىش كېرەك. ماسكا تاقاشنىڭ ئالدى- كەينىدە قول يۇيۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك ھەمدە تاقاش جەريانىدا قولنىڭ ماسكىغا تېگىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. پەلەي كىيىشكە كەلسەك، ئۇنىڭ پايدىسى كۆپرەك قول يۇيغانغا يەتمەيدۇ. پەلەي كىيىش كىشىلەرگە بىر خىل خاتا بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ۋىرۇسلار بىلەن ئۇچرىشىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، بۇلغانغان يۈز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، يەنە پەلەي كىيگەن قولى بىلەن يۈزىنى سىلاش قاتارلىقلار. ئەگەر ھەقىقىي قوغدىنىش رولىنى جارىي قىلدۇرماقچى بولسىڭىز، پەلەينى چوقۇم بىر قېتىملا ئىشلىتىشىڭىز ياكى مۇۋاپىق يۇيۇپ، قۇرغاق ساقلىشىڭىز كېرەك. ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەلەي كىيىشكە سېلىشتۇرغاندا دائىم سوپۇن ۋە سۇ ياكى ئىسپىرت تەركىبلىك سۇسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش تېخىمۇ ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

  ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئاۋۋال قول يۇيۇپ، ئاندىن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە مۇھىتى تازىلىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار يەنە دېرىزىنى كۆپرەك ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش؛ تۇرالغۇ ئۆيلەرنى، بولۇپمۇ ئاشخانا ۋە ھاجەتخانىدىكى ئۆي جاھازلىرىنى ۋە جىسىملارنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش؛ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى دائىم تازىلاپ تۇرۇش؛ ئىشلەتكەن قەغەز قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تاشلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ