24 سائەت توقۇلمىسىز رەخت ئىشلەپچىقىرىلىپ، ماسكا خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنماقتا

2020.02.07 17:32 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى، خەينەن چېڭمەي شىنلۇڭ پاي كونترول شىركىتىدىكى ئىشچىلار قاچىلانغان سۈزگۈچلۈك توقۇلمىسىز رەختنى ئۇلاپ توشۇش ئامبىرىغا يۆتكىمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خەينەن ئۆلكىسى چېڭمەي ناھىيەسىدىكى شىنلۇڭ پاي كونترول شىركىتىنىڭ ماسكىنىڭ باكتېرىيە سۈزۈشىگە ئىشلىتىلىدىغان پۈركىمە توقۇلمىسىز رەخت ئىشلەپچىقىرىش سېخى 2020-يىللىق چاغاندا دەم ئالماي، ھازىرغىچە ھەر كۈنى 24 سائەت ئىشلەپ، ھەر قايسى ماسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ