مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇبېيدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى بالا بىمارلار دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى 14 ياش، ئەڭ كىچىكى ئاران ئىككى ياش

2020.02.07 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «قوزىچاقلار، بىز سىلەرنىڭ ساقىيىپ ئۆيۈڭلارغا قايتماقچى بولغانلىقىڭلارنى تەبرىكلەيمىز.» 6- چېسلا چۈشتىن كېيىن، ۋۇخەن بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىملىرى بەش كىشىلىك سوۋغات تەييارلاپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر ئۇنىۋېرسال كېسەلخانا بىناسى ئاستىغا بالدۇرلا كېلىپ، ئۇ قوزىچاقلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ تېببىي خادىملارنىڭ شۇ جايدا تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقىنى بۇ بەش نەپەر خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ ھازىر ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان تۇنجى تۈركۈمدىكى بۇ بەش نەپەر بالا بىمار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، يېشى ئەڭ چوڭى 14 ياش، ئەڭ كىچىكى ئاران ئىككى ياش.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بەش بالىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۇقۇملانغان باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بارلىقى ئېنىق ئىكەن. ۋۇخەن بالىلار دوختۇرخانىسى نەپەس سىستېمىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى ۋاڭ يەنلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بالىلارنىڭ ھەممىسى قىزىش ۋە يۆتىلىشتەك ئۆپكە ياللۇغى ئالامەتلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرگەن بولۇپ، داۋالاش مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ھاياتلىق ئالامەتلىرى مۇقىم بولغان، ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن مۇقىم بولغان. ئۇ بالىلار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى يەنە ئىككى ھەپتە ئايرىپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، سالامەتلىك ئەھۋالىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ