مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تيەنجىندە يۇقۇم رايونىدىن كەلگەن خادىملار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىنى قەستەن يوشۇرغان بىر ئايال مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلدى

2020.02.04 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-فېۋرال كەچتە تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونلۇق ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىدارە تۆنۈگۈن يۇقۇم رايونىدىن كەلگەنلەر بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىنى قەستەن يوشۇرغان بىر ئايالغا مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2-ئاينىڭ 2- كۈنى باشقا ئۆلكىدىن تيەنجىنگە كەلگەن ليۇ فامىلىلىك (ئايال، 36 ياش، ئەسلىي يۇرتى شەندۇڭدىن) ئۆزىنىڭ يۇقۇم رايونىدىن كەلگەنلەر بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىنى ئەينەن تەمىنلىمەي، قەستەن يوشۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نورمال تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ليۇ فامىلىلىك يۇقىرىقى قانۇنغا خىلاپ پاكىتلارنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. 2- ئاينىڭ 3-كۈنى تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرگەن.

  تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر يۇقۇم ئەھۋالىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرماقتا، پۇقرالار يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە ھەقىقىي مەسئۇل بولۇشى، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ