مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنى، مەملىكەتلىك13- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3- يىغىنى جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ

2020.01.23 10:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى ۋە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسى بۈگۈن جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنى، مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3- يىغىنى بېيجىڭ شەھىرى فۇشىڭ يولىدىكىB 11- نومۇرلۇق مېيدىيا مەركىزىدە ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئىككى يىغىنغا بولغان زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئاخبارات مەركىزى 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى خىزمەتلەرنى رەسمىي قانات يايدۇرىدۇ.

  ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان مۇخبىرلار ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. مەركەزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئاخبارات مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، يەرلىك ئۆمەكلەرنىڭ مۇخبىرلىرى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرىپىدىن ئاخبارات مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇخبىرلىرى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇخبىرلىرى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، تەيۋەن رايونىنىڭ مۇخبىرلىرى گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى ئاخبارات مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، چەتئەللەرنىڭ جۇڭگوغا ۋاقىتلىق كەلگەن مۇخبىرلىرى جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دۆلەت ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى ياكى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھوقۇق بەرگەن ۋىزا ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ تىزىملىتىش سۇنۇش ۋاقتى 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە بولىدۇ.

  مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بېتى زىيارەت ئۇچۇرى ۋە زىيارەت قىلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ. مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى: http://www.npc.gov.cn، مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 3- يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى: http://www.cppcc.gov.cn.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ