مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ داشىڭ رايونىدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىكى بىمارىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى

2020.01.20 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، داشىڭ رايونىدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىكى بىمارىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. داشىڭ رايونلۇق داۋالاش ئاپپاراتى قوبۇل قىلغان ئىلگىرى ۋۇخەندە ساياھەتتە بولغان ئىككى نەپەر قىزىتما ئاغرىقىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى ۋە يۇقۇملۇق ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىكى بىمارى دەپ بېكىتىلگەن.

  ئىككى نەپەر ئاغرىق نۇقتىدا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، ھازىرچە نەپەس يولى كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشتى. داشىڭ رايونى ئۇلار بىلەن قويۇق ئارىلاشقانلارنى تېببىي كۆزەتتى، ھازىرغىچە قىزىش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ