مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بۇلتۇرقى تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى نازارەت قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

مەملىكەت بويىچە قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىگىلىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەر 1 مىليون مودىن ئاشتى

2020.01.20 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 19-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2019-يىللىق تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى نازارەت قىلىش نەتىجىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 142 مىڭ 600 مو تېرىلغۇ يەر قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىگىلىگەن مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز 143 مىڭ 400 مو بولغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نازارەت قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بەزى جايلار تېرىلغۇ يەرگە كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغان، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى جايىدا ئىجرا قىلمىغان، ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرۇشنى بۇزۇپ تاشلاپ تەستىقلىغان ۋە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ، يەردىن پايدىلىنىش يىرىك بولغان، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋەزىيىتى كەسكىن بولغان. تېرىلغۇ يەرنى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىگىلىۋېلىشتىن باشقا، يەنە ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلە بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولغان:

  تولۇقلاپ بېرىلگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئەمەلىي بولماسلىق مەسىلىسى. مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكىنىڭ قىسمەن تۈرلىرىدە تولۇقلانغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى بايقالغان، بۇنىڭغا چېتىشلىق يەر 169 مىڭ 800 مو بولۇپ، ئاساسلىقى ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كۆلىمىدىن ئاز، نەق مەيداننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تېرىلغۇ يەردىن باشقا يەرلەر بولۇپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەرلەر يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈۋالغان.

  تېرىلغۇ يەرنى دائىرىلەپ ئىگىلىۋېلىش، ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى. تەستىقلاپ بولۇپ تەمىنلىمەسلىكنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، يەر بىلەن ساختا تەمىنلەش، تەستىق ھۆججىتىنى ساختا قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان 1826 تۈر، 154 مىڭ مو يەر بايقالدى، 728 تۈر، ئىسراپ قىلىنغان يەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلىي بولمىغان 728 تۈر، 54 مىڭ 100 مو يەر بايقالدى.

  تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ قۇرۇلۇش قىلىشنى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلاش مەسىلىسى. بەزى ئۆلكىلەر ئىگىلەپ ئىشلىتىش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، تېرىلغۇ يەرلەرنى قۇرۇلۇش يېرى قاتارلىق باشقا تۈرلەر بويىچە تەستىقلاشقا يوللىغان، بۇ 94 مىڭ 900 مو يەرگە چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ