خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 19- چېسلا جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش مەركىزى يېقىندا 2019- يىللىق ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنىڭ يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلى مەملىكەت بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش-ئېلان قىلىش خىزمىتى ئاپپاراتى 270 مىڭدىن ئارتۇق تاسادىپىي ۋەقەدىن ئالدىن سىگنال بەرگەن بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار مېتېئورولوگىيە، گېئولوگىيە، ئورمان ۋە يايلاقلار، سۇچىلىق قاتارلىق 18 ساھەنى قاپلىغان.
يۇقىرىقى ساھەلەر ئىچىدە، مېتېئورولوگىيە ساھەسىگە ئائىت ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرى %96تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، چاقماق چېقىش، بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش قېتىم سانى ئالدىنقى 3- قاتاردا تۇرىدۇ؛ مېتېئورولوگىيىلىك ساھەگە ئائىت بولمىغان ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىش سانىمۇ يىلدىن-يىلغا ئاشقان بولۇپ، بۇ ساھەگە ئائىت ئۇچۇرلار 2019- يىلى 9892گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %48.6 ئاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ