مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 10 مىليارد ئاشۇردى

2020.01.20 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىلى، بۇغداي ۋە شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھا سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلغۇچى سۇبيېكت سۈپىتىدىكى جۇڭگو زاپاس ئاشلىق گۇرۇھى شىركىتى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، لايىھەدە بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر قىسىم ئۆلكىلەردە بۇغداي ۋە شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى يولغا قويدى. نەتىجىدە، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە بىر يىلدا سېتىۋېلىنغان ئاشلىق جەمئىي 37 مىليون 470 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، سېتىۋېلىنغان بۇغداي 22 مىليون 270 مىڭ توننىغا، شال 15 مىليون 200 مىڭ توننىغا يەتكەن. بازار باھاسى سەۋىيەسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 10 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  بۇلتۇر جۇڭگو زاپاس ئاشلىق گۇرۇھى يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىقنى ئامباردا ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. نەتىجىدە، بىر يىلدا 46 مىليون 570 مىڭ توننا سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق سېتىلىپ، بازار تەمىناتىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى، ئامباردىكى ئاشلىق سۈپىتى ياخشىلاندى. دېھقانلارنىڭ ئاشلىقنى تېز سېتىپ، كىرىمىنى كۆپ ئاشۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئاشلىق سېتىش APPسى، يەنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش» ئاشلىق سېتىش APPسى بۇلتۇرقى كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ APPغا تىزىمغا ئالدۇرغان ئابونت 320 مىڭدىن ئاشتى، مۇشۇ APPدا ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق سېتىلغان ئاشلىق 8 مىليون 880 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ