مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019-يىلى مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى 587 مىڭ كىشىنى جازالىدى

41 نەپەر ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

2020.01.19 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە تور پونكىتى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  2019-يىلى، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلوسىدىن 3 مىليون 294 مىڭ قېتىمنى قوبۇل قىلىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 1 مىليون 705مىڭنى بىر تەرەپ قىلدى، 3773 مىڭ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ، 619 مىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، 587 مىڭ كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى (بۇنىڭ ئىچىدە 502 مىڭ كىشى پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازالاندى). ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىردىن 41ى، نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 4000ى، ناھىيە، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 24 مىڭى، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك كادىردىن 85 مىڭى، ئادەتتىكى كادىردىن 98 مىڭى، يېزا، كارخانا قاتارلىقلار باشقا خادىملاردىن 377 مىڭى جازالاندى.

  2019-يىلى، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىپ 1 مىليون 849 مىڭ ئادەم قېتىمغا تەنقىدىي تەربىيە بەردى، ياردەم بەردى ۋە بىر تەرەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى خىل ھالەتتىن پايدىلىنىپ 1 مىليون 246 مىڭ ئادەم قېتىمغا تەنقىدىي تەربىيە بەردى، ياردەم بەردى، بۇ ئومۇمىي ئادەم قېتىمىنىڭ %67.4ىنى ئىگىلىدى؛ ئىككىنچى خىل ھالەتتىن پايدىلىنىپ 463 مىڭ ئادەم قېتىمنى بىر تەرەپ قىلىپ، %25نى ئىگىلىدى؛ ئۈچىنچى خىل ھالەتتىن پايدىلىنىپ 72 مىڭ ئادەم قېتىمنى بىر تەرەپ قىلىپ، %3.9نى ئىگىلىدى؛ تۆتىنچى خىل ھالەتتىن پايدىلىنىپ 68 مىڭ ئادەم قېتىمنى بىر تەرەپ قىلىپ، %3.7نى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ