مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2020.01.19 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى پىروگراممىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، 2020- يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پىروگرامما» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ياراملىق ئاساسىي قاتلام، ئۇرۇش قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان ياراملىق ئاساسىي قاتلام، قانۇن-ئىنتىزامى قاتتىق، كەيپىياتى دۇرۇس بولغان ياراملىق ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ «تۆتنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تۈزۈلمە ئاستىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ مەزمۇن سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پىروگرامما»دا يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ تەبىرى قايتىدىن تۈزۈلۈپ، «ئۈچ ياراملىق» ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تاۋلاش چۆرىدىلىپ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى قايتا تۈزۈلۈپ، باشتىن-ئاخىر ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورنى، رولى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتى، ھەربىي مەشىق، ئىدىيىۋى-سىياسىي خىزمەت، كۈندىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش چۆرىدىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۆز ئالدىغا قۇرۇلۇش قىلىش شەكلى ۋە ئۇسۇلى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «تۆتنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش» تەلىپى بويىچە پارتكوم رەھبەرلىرى ۋە ئورگانلارنىڭ يېتەكچىلىك خىزمىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، «قوش تالىشىش» بويىچە باھالاش، تەقدىرلەش تۈرىنىڭ شەرتى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ياخشىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى ئاساسىي مىزان ۋە ئاساس بىلەن تەمىنلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ