خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يېڭى دەۋر ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەمىمىيەت تەشۋىق-تەربىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سەمىمىيەت تىپلىرىنىڭ ئۈلگىلىك ۋەيېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان ۋە لەۋزىدە تۇرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا جەمئىيەتكە 2019- يىللىق «سەمىمىيەت يۇلتۇزلىرى»نى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «سەمىمىيەت يۇلتۇزى» قاتارىدىكى 10 يۇلتۇز تۆۋەندىكىچە: تيەنجىن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى ۋاڭ فۇچېڭ، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى جىجۇ رايونى ماتولى بازىرىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي جاڭ جىۋاڭ، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن فاڭدا گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى نىڭ فېڭليەن، ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجۇ شەھىرى خۇاڭپۇ تېغى ئورمانچىلىق مەيدانىدىن پىنسىيىگە چىققان ئىشچى-خىزمەتچى گاۋ چىڭۋاڭ، جياڭشى ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرى جىنشى ناھىيىسى شيۇگۇ بازىرى شۈفاڭ كەنتىنىڭ كېڭەش باشلىقى شۈ چۈنخۇا، خېنەن ئۆلكىسى كەيفېڭ شەھىرى شياڭفۇ رايونى كىنو شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، دىرېكتورى گو جيەنخۇا، چۇڭچىڭ شەھىرى چيەنجياڭ رايونى چېڭدۇڭ كوچا باشقارمىسى شيابا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى چېڭ شاۋگۇاڭ ۋە چېڭ زۇچۈەن ئاتا-بالا، سىچۇەن ئۆلكىسى لېيۈ شەھىرى ئوتتۇرا رايونى گۇەنمياۋ يېزىسى سۇپىڭ كەنتى 9- گۇرۇپپىسىنىڭ ئاھالىسى لو ۋەنسېن، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جىنرۇي يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جىڭلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقورغان ئاپتونوم ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مارياڭ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى دىڭ فاگېن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ