مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2020.01.17 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت خۇلاسە دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى»، «پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتى» ۋە «2019-يىللىق مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى» قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ■ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى ئىزچىل تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىققا بوشاشماي قارشى تۇرۇش كېرەك.

  ■ كۆزىتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆتكۈر قورالى ۋە مەسىلىنى بايقاشنىڭ ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر، شۇڭا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى يىغىن ئېچىپ، «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت خۇلاسە دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى»، «پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتى» ۋە «2019-يىللىق مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ 2019-يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ 2020-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماقۇللىدى. يىغىن مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بەش ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتى ھەمدە ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە-ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ماسلىشىپ ئالاقىدار مۇھىم ۋە زور پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ