مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزدە ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان كەشپىيات پاتېنتى 13.3 كە يەتتى

2020.01.17 15:40 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  1-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى بېيجىڭدا 2019-يىللىق پاتېنت، تاۋار ماركىسى، جۇغراپىيەلىك بەلگە قاتارلىق يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئىشخانا مۇدىرى خۇ ۋېنخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى سىجىل ئاشقان.

  2019-يىلى ئېلىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 1 مىليون 401 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 453 مىڭ كەشپىيات پاتېنتى ھوقۇقى بېرىلدى. 2019ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزدە (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولۇش مىقدارى جەمئىي 1 مىليون 862 مىڭ بولۇپ، ھەر 10 مىڭ نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان كەشپىيات پاتېنتى 13.3 كە يېتىپ، دۆلەتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى.

  2019-يىلى چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى پاتېنت، تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى مۇقىم ئېشىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى كەشپىيات پاتېنت ئىلتىماسى 157 مىڭغا، تاۋار ماركىسى ئىلتىماسى 255 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %6.0 ۋە %4.7 ئاشقان، دۇنيادىكى 186 دۆلەت (رايون) نىڭ بازار سۇبيېكتى جۇڭگودا پاتېنت تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىپ، بۇلتۇرقىدىن 12 سى ئاشقان.

  «بۇ بىر تەرەپتىن، جۇڭگو بازىرىنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گې شۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق قانۇن ـ نىزاملارنى ئېلان قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش خىزمىتىدە سىجىل ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا جەمئىيەتنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى» 2012- يىلىدىكى 63.69 نومۇردىن 2019-يىلىدىكى 78.98 نومۇرغا يەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ