مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 1- باسقۇچلۇق ئىقتىساد-سودا كېلىشىمى ئىمزالاشتى

2020.01.17 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 15- يانۋار، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئاقساراينىڭ ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتى جۇڭگو تەرەپ باشلامچىسى ليۇ خې بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 1- باسقۇچلۇق ئىقتىساد-سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىشىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

  ليۇ خې ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ترامپقا يوللىغان ئاغزاكى سۆزىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ ئاغزاكى سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دەل مەن بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 20- كۈنى سىز بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكىنىمدە كۆرسەتكەن بويىچە، جۇڭگو- ئامېرىكا بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد-سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى. بۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتكە ۋە دۇنياغا پايدىلىق. بۇمۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالايدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، ئىككى تەرەپ كېلىشىمنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ روھ بويىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىساد-سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە مەكتەپلىرى ئارا ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاشنى، ھەم شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن روبىرو يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشنى خالايدۇ. مەن سىز بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايمەن، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ۋە نەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالىندارى بويىچە چاغان بايرىمى يېتىپ كىلىدۇ. مەن رەپىقەم پېڭ لىيۈەن بىلەن بىرلىكتە زۇڭتۇڭ ئەپەندى، مېلانىيە خانىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە چاغان بايرىمىلىق مۇبارەك سۆزلىرىمىزنى يوللاش بىلەن بىرگە، ھەممىڭىزلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

  ترامپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاغزاكى سۆزىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ليۇ خېدىن ئۆزىنىڭ ۋە رەپىقىسى مېلانىيە خانىمنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ۋە پىروفېسسور پېڭ لىيۈەنگە ھەمدە جۇڭگو خەلقىگە يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە چاغانلىق تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ