خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېرمىغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە بېرىش ھارپىسىدا، ھۆججەتلىك فىلىم «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى» (بىرما تىلى نۇسخىسى)نىڭ كۆرسىتىش مۇراسىمى 16- چېسلا بېرمىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، بىرما تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان .
«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى» ناملىق بۇ ئۈچ قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى جۇڭگو بەش قىتئە تارقىتىش مەركىزى بىلەن ئامېرىكا ئىزدىنىش قانىلى بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قاتار جانلىق ۋە تەسىرلىك ھېكايەۋىي مىساللار ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى ۋە نەتىجىلىرى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن. بۇ فىلىم بۇندىن بۇرۇن ئىزدىنىش قانىلى قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قىزغىن ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. بۇ فىلىم 16- چېسلادىن 18- چېسلاغىچە كەچ سائەتلىرىنىڭ ئالتۇن ۋاقىتلىرىدا بېرما تيەنۋاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بېرما دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى سۇپىسىغا چىقىرىلىدۇ.
مۇراسىمغا قاتناشقان بېرمىنىڭ ھەر ساھە ۋەكىللىرى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمگە يۇقىرى باھا بەردى، ئۇلار، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا بېرمىنى زىيارەت قىلىشى ۋە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا بۇ فىلىمنىڭ بېرمىدا قويۇلىشى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىدى. ئۇلار يەنە، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق بېرمىدىكى ھەر ساھە زاتلىرى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلالايدۇ. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېيىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ