خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەي يىڭۋېننىڭ يېقىندا ئەنگلىيە BBCتاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان سۆزلىرىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 16-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى، تەيۋەن ئەزەلدىن بىر دۆلەت ئەمەس، تەيۋەن جۇڭگونىڭ مۇقەددەس، ئايرىلماس بىر قىسمى. بۇ پولاتتەك پاكىتقا جەڭ ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ بېشى يېرىلىپ، شەرمەندە بولىدۇ.
ما شياۋگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىنى ئۆزىچە يوغىناپ كەتمەسلىككە، ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىي داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، تەيۋەننى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ئاگاھلاندۇرىمىز. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىمىز ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق شەكىلدە، ھەرقانداق بىر پارچە جۇڭگو زېمىنىنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز!
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ