«مىنا تازىلىغۇچى قەھرىمان جەڭچى» دۇ فۇگو چۇڭچىڭ ئالاھىدە مائارىپ مەركىزىدىكى ئەما بالىلاردىن ھال سورىدى

2020.01.17 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، چۇڭچىڭ ئالاھىدە مائارىپ مەركىزىنىڭ رېپېتىتسىيە زالىدا، دۇ فۇگو مۇزىكا ئۆمىكىدىكى ئەما بالا ئوقۇغۇچىلارنىڭ رېپېتىتسىيەسىنى ئالقىشلىدى.

  1-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەكتەپ سىرتىدىكى يېتەكچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان «مىنا تازىلاش قەھرىمان جەڭچىسى» دۇ فۇگو چۇڭچىڭ ئالاھىدە مائارىپ مەركىزىگە بېرىپ، مەكتەپتىكى ئەما بالىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. دۇ فۇگو بالىلارغا يېڭى يىللىق سوۋغا تەقدىم قىلدى، رېپېتىتسىيە زالىدا مەكتەپ يەلكەن ئوركېستىرىدىكى ئەما ئوقۇغۇچىلار رېپېتىتسىيە قىلىپ چالغان مۇزىكىلارنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بالىلارنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ